ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى قازا قىلدى

ئامېرىكانىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 2 كىشى قازا قىلدى.

1734556
ئامېرىكادا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، 61 ياشلىق ئۇچقۇچى كېننىت دانىيال يوت بىلەن 21 ياشلىق يولۇچى كوربىن دەننىس كېننىدى چارلېۋوكىس ناھىيەسىنىڭ مېلروزا بازىرىدىكى ئورمانلىققا سوقۇلۇپ چۈشۈپ كەتكەن كىچىك تىپتىكى ئايروپىلاندا جەسىتى تېپىلغان.

ھادىسىنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخى ئېنىقلانمىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر