تالىبان كابۇلدا پاسپورت تارقىتىشنى توختاتتى

ئافغانىستاندا تالىبان ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر (2021) باشلىغان پاسپورت تارقىتىش ئىشلىرىنى پايتەخت كابۇلدا توختاتتى.

1734527
تالىبان كابۇلدا پاسپورت تارقىتىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاسپورت باش ئىدارىسىنىڭ مۇدىرى ئالەمگۈل ھەققانى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن پاسپورت تارقىتىشنىڭ توختىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى بىلەن، پاسپورت تارقىتىش ئىشلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى، كابۇلدىكى ئىدارەنىڭ يېڭى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پاسپورت تارقىتىشنىڭ پەقەت كابۇلدىلا توختىتىلغانلىقىنى ۋە باشقا ئالتە ۋىلايەتتە پاسپورت تارقىتىشنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ بىر كۈندە تەخمىنەن 20 مىڭ كىشىنىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەمما بىز، 3000 كىشىگە پاسپورت تارقىتالايمىز» دېدى.

تالىبان ھۆكۈمىتى پەقەت توردا تىزىملاتقان كىشىلەر ۋە ئافغانىستاندا داۋالىنالمىغان بىمارلارغا پاسپورت تارقىتىپ بەرگەن ئىدى.

تالىبانلار ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشىدىن كېيىن، ئۇزۇن مۇددەت تاقىلىپ قالغان پاسپورت باش ئىدارىسى 7-ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر