بۇركىنا فاسودىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 20 ئەسكەر قازا قىلدى

بۇركىنا فاسونىڭ ساھېل رايونىدا ئارمىيەنى نىشان قىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 20 ئەسكەر قازا قىلدى.

1733939
بۇركىنا فاسودىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 20 ئەسكەر قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇركىنا فاسو بىخەتەرلىك مىنىستىرى ماكىسىم كونې دۆلەتلىك رادىيودا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالدىكى سۇم رايونىدا، ژاندارما قىسىملىرىنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە  ھۇجۇمدا 20 ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قوشنا دۆلەت مالىدىكى ئەلقائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق تېررورچى گۇرۇپپىلار 2015-يىلدىن بۇيان بۇركىنا فاسونىڭ شىمالى ۋە شەرقىدە پات-پات تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى قىلىپ كەلمەكتە.

گەرچە بۇركىنا فاسو ساھىلىدىكى قوشنا دۆلەت نىگېر بىلەن بىرلەشمە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، مالىغا جايلاشقان تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرالماي كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يىل بېشىدىن (2021) بۇيان 17 مىڭ 500 كىشى بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن بۇركىنا فاسودىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر