سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا يېڭى بىر مۇزاكىرە تۈرىنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1733647
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىران بىلەن يادرو سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فايسال بىن فەرخان فەرانسىيە 24 قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان - ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىلگىرى ئۆتكۈزۈلگەن 4 قېتىملىق مۇزاكىرىنىڭ پەقەت ئىزدىنىش مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئەمما ھەر ئىككى تەرەپنىڭمۇ ئالاقە ئورنىتىشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فايسال بىن فەرخان: «بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە قايتا باشلىنىدىغان ئىراننىڭ يادرو سۆھبىتى توغرىسىدا ئېغىر ئىككىلىنىشلەر بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر