مۇئەممەر قاززافىنىڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام قاززافى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولماقچى
لىۋىيەنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى مۇئەممەر قاززافىنىڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام قاززافى 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزاتلىققا ئىلتىماس قىلدى.
لىۋىيەنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەھبىرى مۇئەممەر قاززافىنىڭ ئوغلى سەيفۇل ئىسلام قاززافى 24-دېكابىر ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا نامزاتلىققا ئىلتىماس قىلدى.
سايلام ئالىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات دېرىكتورى خالىد ئەل مەنەي قاززافىنىڭ سەبھا شەھىرىدىكى سايلام ئالىي كومىتېتى تارمىقىغا بېرىپ، پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا نامزات بولۇشنى رەسمىي ئىلتىماس قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
سايلام مەركىزىگە ئۆزى بارغان سەيفۇل ئىسلام كازافى 2011-يىلى دادىسى ھاكىمىيەتتىن ئاغدۇرۇۋېتىلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا چىققان بولدى.
سەيفۇل ئىسلام قاززافى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىزدەلمەكتە.
لىۋىيە ھەربىي ئىشلار باش تەپتىش مەھكىمىسىمۇ س سەيفۇل ئىسلام قاززافىنى «قاتىللىق» ۋە «ياللانما ئەسكەر ئىشلىتىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.