ناتو بېلارۇسىيەنى ئەيىبلىدى

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «بېلارۇسىيە تەرىپىدىن سۈنئىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان تەرتىپسىز كۆچمەنلىك» كىرىزىسىنى قوشنا دۆلەتلەرگە قارشى كوزېرغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلىدى.

1733425
ناتو بېلارۇسىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «شىمالىي ئاتلانتىك كېڭىشى، بېلارۇسىيە تەرىپىدىن پولشا، لىتۋانىيە ۋە لاتۋىيەگە سىياسىي مەقسەتلەردە ئارىلاشما ماددىلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە سۈنئىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان تەرتىپسىز كۆچمەنلىك كىرىزىسىنى كوزېرغا ئايلاندۇرۇېلىشىنى قاتتىق ئەيىبلىمەكتە. دەرۋەقە، بۇنداق ھەرىكەتلەر مۇداپىئەسىز كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنى خەۋپكە دۇچار قىلماقتا. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى، ئىتتىپاقداشلىرى بولغان پولشا، لىتۋانىيە ۋە لاتۋىيە بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلماقتا. بېلارۇسىيەنىڭ، پولشا، لىتۋانىيە ۋە لاتۋىيە بىلەن بولغان چېگرالىرىدا سۈركىلىشنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىش ۋە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا قارشى ھۇشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ناتونىڭ بىخەتەرلىكىنى داۋاملىق قوغدايمىز، ناتونىڭ ئىتتىپاقداشلىرى، بېلارۇسىيەنى بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە، كىشىلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشقا چاقىرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر