ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ب د ت كىلىمات يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، 2023 – يىلى چاقىرىلىدىغان 28 – نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنى — COP28 گە ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1733025
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ب د ت كىلىمات يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەخت ۋارىسى شاھزادىسى مۇھەممەد بىن زايىد ئال نەھيان تۋىتتېردىكى ئادرېسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ 2023 – يىلىدىكى كىلىمات يىغىنى (COP28)غا ساھىبخانلىق قىلىدىغان بولۇشىدىن خۇشاللىق ھېس قىلماقتىمىز» دېدى.

ئال نەھيان باياناتىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇ دۇنيادىكى دۆلەتلىرىنىڭ كىلىماتنى ئاسراش ھەرىكەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىش ۋە ئىقتىسادنىڭ سىجىل ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ پۇرسىتى. بىز ئىنسانىيەتنىڭ بەخت – سائادىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن خۇشاللىق ھېس قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى خەۋەر ئاگېنتلىقى— WAM نىڭ خەۋىرىدىمۇ، ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىش ئەھدىنامىسى باش كاتىباتلىقىنىڭ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ COP28 گە ساھىبخانلىق قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر