ب د ت بېلارۇسىيە-پولشا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقىنى تەكىتلىدى

ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) بېلارۇسىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسىنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقى چاقىرقىنى ئېلان قىلدى.

1732544
ب د ت بېلارۇسىيە-پولشا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنىڭ سىياسىيلاشتۇرۇلماسلىقىنى تەكىتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ب د ت نىڭ باش كاتىپىنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجارىك كۈندىلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسىنى ئەندىشە ئىچىدە كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«كۆچمەنلەر ۋە مۇساپىرلار مەسىلىسى ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپى ۋە خەلقئارالىق قانۇن رامكىلىرىدا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك. بۇ ئەھۋالدىن سىياسىي مەقسەتتە پايدىلانماسلىق كېرەك ۋە بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا جىددىيلىككە سەۋەب بولماسلىقى كېرەك.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا فوندېر لېيېنمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پولشا بىلەن يۈز بەرگەن كۆچمەنلەر كىرىزىسى سەۋەبىدىن بېلارۇسىيەگە قاراتقان ئېمبارگولارنى كېڭەيتىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن ئاقسارايدا كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ ئېمبارگولارنىڭ شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلارغا قارىتىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بېلارۇسىيەنى تەنقىد قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«يۈز بېرىۋاتقانلار بېلارۇسىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسى ئەمەس، بۇلار مىنسىكتىكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ قوشنىلىرىنى مۇقىمسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى.»

بېلارۇسىيە-پولشا چېگراسىدىكى ياۋروپاغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پولشاغا ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇشى، ئىككى دۆلەت چېگراسىدىكى جىددىيلىكنى كۈچەيتىۋەتتى.

بېلارۇسىيە پولشانى ياۋروپاغا ئۆتمەكچى بولغان كىشىلەرگە ئىنسانىي مۇئامىلە قىلماسلىق بىلەن؛ پولشا ھۆكۈمىتى بولسا، بېلارۇسىيەنى بۇ كىشىلەرنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر