ب د ت: بىرمادا 3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج
ب د ت بىرمادىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، مۇقىمسىزلىق، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ۋە بارغانسېرى يامانلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ئەھۋال سەۋەبىدىن بۇ دۆلەتتىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەر سانىنىڭ 3 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى مارتىن گىرىفس، بىرمادا يۈز ببېرىۋاتقان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە خاتىمە بېرىلمىگەن ۋە كرىزىسكە تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش چارىسى تېپىلمىغان تەقدىردە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، 1-فېۋرالدىكى ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن بۇيان 223 مىڭ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، 144 مىڭ روھىڭىيالىق (ئاراكان مۇسۇلمانلىرى) نىڭمۇ داۋاملىق لاگېرلاردا ياشاۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى، ھەمدە يېقىنقى مەزگىللەردە 160 دىن ئارتۇق ئۆي – ماكان، چېركاۋ ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا ئائىت ئىشخانىلارغا ئوت قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇنداقلا، خەلقئارا جەمئىيەتنى، پۇقرالار، پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەر ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەشكىلاتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت بىرما ئۈچۈن كېرەكلىك 385 مىليون دوللارلىق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەبلىغىنى توپلاش ھەرىكىتىنى قوللىشى، بىرما ئارمىيەسى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى لازىم.»