مېكسىكىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە 19 كىشى قازا قىلدى

مېكسىكىدا تورمۇزىدىن كاشىلا چىققان بىر يۈك ئاپتوموبىلى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا ھەق ئېلىش پونكىتىدا ساقلاۋاتقان ماشىنىلارغا سوقۇلۇپ 19 كىشى قازا قىلدى ۋە  3 كىشى يارىلاندى.

1730303
مېكسىكىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسىدە 19 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، پايتەخت مېكسىكانىڭ شەرقىدىكى پۇئېبلا شەھىرىدە تورمۇزىدىن كاشىلا چىققان بىر يۈك ئاپتوموبىلى ھەق ئېلىش پونكىتىدىكى ئاپتوموبىللارغا سوقۇلغان.

ئالاقىدار مەسئۇللار ھادىسىدە يۈك ئاپتوموبىلى شوپۇرىنى قوشقاندا 19 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

يارىلانغانلار يېقىن ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا  بالنېستقا ئېلىنغان. ھادىسىگە قارىتا جىددىي تەكشۈرۈش باشلانغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر