ب د ت: بىرمادا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنغان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بىرمادا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1730187
ب د ت: بىرمادا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىنغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىرما مۇستەقىل تەكشۈرۈش مىخانىزىمىنىڭ مەسئۇلى نىكولاس كومجيەن، بىرمادا ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن پۇقرالارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ۋە سىستېمىلىق ھۇجۇملارنىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ توپلانغانلىقىنى ئېيتتى.

كومجيەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش مەركىزىدە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بىرمادا يۈز بەرگەن 1-فېۋرال ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى مەسىلىسىدە 1.5 مىليون پارچىدىن ئارتۇق دەلىل – ئىسپات توپلىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، روھىڭيا مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنىڭ كۆپىيىپ كۆپەيمىگەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «ھەم ئۇلار ھەم باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلار، ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ  كۆپ خىرىس ۋە خەتەر ئاستىدا» دېدى.

ئۇ يەنە، نەفرەت ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Facebook تىن، بىرما مۇستەقىل تەكشۈرۈش مىخانىزىمى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلدى، ھەمدە باشقا تەشكىلاتلارنىمۇ ئۆزلىرى بىلەن دەلىل – ئىسپات تەشكىل قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر