كىشىدا ۋاقتىنچە ھەم باش ۋەزىرلىك ھەم تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئۆتەيدۇ

ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو كېلەر ھەپتە ئاۋام پالاتاسىدا يېڭى كابىنېت ئېلان قىلىنىپ بولغۇچە ھەم باش ۋەزىر ھەم تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.

1729749
كىشىدا ۋاقتىنچە ھەم باش ۋەزىرلىك ھەم تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىكى ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئۆتەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چوڭ سايلامدا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى بىلەن غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن كىشىدا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى موتېگى توشىمىسۇنى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىگە باش كاتىپى قىلىپ تەيىنلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كىشىدا كېلەر ھەپتە پارلامېنت يىغىنىدا يېڭى كابىنېت ئېلان قىلىنىدىغان چاغقىچە باش ۋەزىرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىلىق ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئۆتەشنى قارار ئېيتتى.

پارلامېنتتىكى 465 ئورۇندۇقنىڭ 233 نى قولغا كەلتۈرگەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىشىدا فۇمىئونىڭ ئېنىق باش ۋەزىر بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر