مارك مىللېي خىتاي ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ خىتاي ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، تەيۋەننى «قەتئىي قوغداش ئىقتىدارى»غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1729444
مارك مىللېي خىتاي ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «The Hill»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مارك مىللېي ئاسپېن بىخەتەرلىك مۇنبىرىدىكى سۆزىدە، خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك توغرىسىدا توختىلىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسى ئىككى يىلدا تەيۋەننى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئىش يۈز بەرگەن تەقدىردە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەلۋەتتە «ئارالنى قوغداش ئىقتىدارى»غا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئەگەر خىتاي تەيۋەن ئارىلىنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنسا، ئارىلىشىش قارارىنىڭ ئاقسارايغا باغلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان مىللېي، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدەمنى كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈش ئېھتىماللىقىغا قارشى پىلانلارنىڭ تۈزۈلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مىللېي يەنە، خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازدىن تېز باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ دۇنيا ئۇرۇشلىرىدىن بۇيانقى يەرشارىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈچ ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

گېنېرال مىللېي 28-ئۆكتەبىر خىتاي ئاۋازدىن تېز ئىلگىرىلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى سىنىقىنىڭ «مۇھىم ئەھۋال» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان (بىر ئىش)» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر