ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندىرىي تاران ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندىرىي تاران ئۇكرائىنا پارلامېنتىغا ئىستىپانامىسىنى سۇندى.

1728732
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاندىرىي تاران ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ ۋەكىلى تاراس مېلنىچۇك تېلېگرامما ئارقىلىق ئېلان قىلغان باياناتىدا، تاراننىڭ ئىستىپانامىسىنى ئۇكرائىنا پارلامېنتىغا سۇنغانلىقىنى بايان قىلدى.

مېلنىچۇك تاراننىڭ ئىستىپا بېرىش قارارىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلىمىدى.

خەلق خىزمەتچىلىرى پارتىيەسىنىڭ گۇرۇپپا يىغىنىدا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىلىق ئورنىغا ئولېكسىي رېزنىكوفنىڭ نامزات بولىشىنى قوللىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.

رىزنىكوۋ تۈنۈگۈن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى رايونلارنى قايتا تەشكىللەش مىنىستىرلىقىدىن ئىستىپا بەرگەن ئىدى.

ئىستراتېگىيىلىك سانائەت مىنىستىرى ئولېگ ئۇرۇسكىي تۈنۈگۈن ۋە ئىقتىساد مىنىستىرى ئولېكسىي لۇبچېنكو بۈگۈن ئىستىپا بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر