ئىتالىيە تاراتقۇلىرى: ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ ھەقىقىي غالىبى

ئىتالىيە تاراتقۇلىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھەپتە ئاخىرى رىمدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىنىڭ «غالىبى» ئىكەنلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1728507
ئىتالىيە تاراتقۇلىرى: ئەردوغان 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىنىڭ ھەقىقىي غالىبى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىتالىيەنىڭ تىراژى يۇقىرى گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان «كوررىئېر دېللا سېرا»، 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان رەھبەرلەرنى مۇھاكىمە قىلغان ماقالىسىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى «بارلىق قىزىق تېمىلارنىڭ مەركىزىدىكى ئىسىم» دەپ ئاتىدى.

گېزىت، باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا نۇرغۇن رەھبەرلەرنىڭ ئەردوغان بىلەن كۆرۈشۈشنى خالىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ساھىبخان بىلەن بىرلىكتە 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىككىنچى مۇھىم ئاكتىيورىغا ئايلاندى. تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئەڭ قىزغىن نۇقتىلارنىڭ مۇقەررەر سۆھبەتچىسى بولدى» دېدى.

«لا ۋېرىتا» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە: «ئەگەر 20 دۆلەت گۇرۇھى (يىغىنىنىڭ) بىر «ئۇتقۇچىسى» بولسا، بۇ بەلكىم رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەن باھامۇ؟ ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. رىمدىكى باشلىقلار يىغىنىدا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئۈچ ئامىلدىن پايدىلاندى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ ھەم خەلقئارادىكى ھەمدە دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي ئاجىزلىقى؛ خىتاي-رۇسىيە تەرىپى بۇ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمىغاچقا، ئەردوغاننىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئورنىغا ئىگە بولۇشى، ئۈچىنچىسى، بەزى ھالقىلىق مەسىلىلەردە ئۆزىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى نامايان قىلىشى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«ئىل مېساگگېرو» گېزىتىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدىكى خەۋىرىدە، ئىتالىيە باش مىنىستىرى مارىيو دىراگىنىڭ باياناتىدىن كېيىن يىرىكلىشىپ قالغان تۈركىيە - ئىتالىيە مۇناسىۋىتىنىڭ، دىراگى بىلەن ئەردوغاننىڭ يىغىن ئەسناسىدىكى ئايرىم ئۇچرىشىشى سايىسىدا يۇمشىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە بۇ كىرىزىسنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «ئوڭشاش كېرەك بولغان بىر ئىش ئىدى، شۇنداق بولدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«ئىتالىيە ئىشلىرى» تور بېتى «بۇ قېتىمقى 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنى ئەردوغان ئۈچۈن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. ئۇ ھەقىقەتەن غەلىبە قىلدى» دەپ يازدى؛  خەۋەردە، ساھىبخان دىراگىنىڭ باشلىقلار يىغىن جەريانىدا بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە ۋە خىتاينى بۇ يىغىنغا قاتناشتۇرالمىغانلىقى، بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ئۈچۈن «ناچار» ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر