تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە دۆلەت پاكىزە ئېنېرگىيە پىلانىنى قوللىدى

دۇنيادىكى 40 نەچچە دۆلەت پاكىزە ئېنېرگىيەنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قولايلىق ۋە تېجەشلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان خەلقئارالىق پىلاننى قوللىدى.

1728768
تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە دۆلەت پاكىزە ئېنېرگىيە پىلانىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 40 نەچچە دۆلەت پاكىزە ئېنېرگىيەنىڭ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قولايلىق ۋە تېجەشلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەنگىلىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان خەلقئارالىق پىلاننى قوللىدى.

ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇ پىلانغا ئاساسەن، دۇنيادا 20 مىليون يېڭى خىزمەت پۇرسىتى يارىتىلىدىغانلىقىنى، تەرەققىي قىلىۋاتقان ۋە تەرەققىي قىلغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەردە 16 تىرىليون دوللارلىق مەبلەغ يارىتىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون 26-نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىش رامكا ئەھدىنامىسى (COP26) نىڭ 26-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە، شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «پاكىزە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئومۇملىشىشىنى تېزلىتىش» تېمىسىدىكى يىغىندا، خەلقئارالىق پىلان سۈپىتىدە لايىھەلەنگەن «گلاسگوۋ ئىلگىرىلەش كۈنتەرتىپى» (Glasgow Breakthrough Agenda) ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى (ئامېرىكا)، ئەنگلىيە، ھىندىستان، كانادا، خىتاي، مىسىر، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، نىگېرىيە قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەت «گلاسگوۋ ئىلگىرىلەش كۈنتەرتىپى» گە ئىمزا قويدى ۋە ئۇنى قوللىدى.

پاكىزە ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىنىڭ 2030-يىلغىچە دۇنيادىكى ھەممە ئادەمگە قولايلىق ۋە تېجەشلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان گلاسگوۋ ئىلگىرىلەش كۈنتەرتىپى دائىرىسىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك كاربون قويۇپ بېرىشنىڭ %50 ىگە مەسئۇل بولغان 5 ساھەدە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش، ئاساسلىق نىشان قىلىپ بېكىتىلدى.

بۇ دائىرىدە، ھەر بىر دۆلەتتە پاكىزە مەنبەلەردىن توك چىقىرىشنىڭ ئەرزان ۋە ئىشەنچلىك بولۇشىغا، قاتناش-تىرانسىپورت ساھەسىدە نۆل بۇلغىما قويۇپ بېرىش ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىش، پولات-تۆمۈر سانائىتىدە نۆل بۇلغىما قويۇپ بېرىشكە يېقىنلىشىش، تۆۋەن كاربون ھىدروگېنلىق ئىشلەپچىقىرىش 2030-يىلغىچە ئەرزان بولۇش ۋە كىلىماتقا چىداملىق يېزا ئىگىلىكى تارماقلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.

ئىلگىرىلەشنى قوللايدىغان دۆلەتلەر ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە  2022-يىلى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھەر ساھەدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسى بۇ تەرەققىياتلار ھەققىدە يىللىق دوكلات تەييارلايدۇ.

پائالىيەت دائىرىسىدە، ئەنگلىيە ۋە ھىندىستاننىڭ رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان «يېشىل تور تەشەببۇسى- بىر قۇياش، بىر دۇنيا، بىر تور» تەشەببۇسى تونۇشتۇرۇلدى.

قىتئەلەر ۋە دۆلەتلەر ئۆزئارا ماس ھالدا پاكىزە ئېنېرگىيە مەنبەسىدىن ئىشلەپچىقىرىلغان توكقا ئېرىشىشنى كاپالەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بۇ تەشەببۇسنى، 80 دىن ئارتۇق دۆلەت بۇ تەشەببۇسنى قوللىدى.

ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون يىغىندا قىلغان سۆزىدە، پاكىزە ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىنى ئەرزان، قولايلىق ۋە جەلپ قىلارلىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «پاكىزە ئېنېرگىيەنى ھازىر بۇلغىما ئەڭ  ئېغىر بولغان ساھەلەردە قارشى ئېلىنىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر