خىتاي كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلىدى

خىتاينىڭ كىلىمات ۋەكىلى شى جىنخۇا دۆلىتىنىڭ دا ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىىتپ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئاقلىدى.

1728657
خىتاي كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىدا ئۆزىنى ئاقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شى جىنخۇا شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ب د ت كىلىمات يىغىنىدا، خىتاينىڭ ئەڭ كۆپ كاربون قويۇپ بېرىۋاتقان دۆلەت ئىكەنلىكىنى <<ئالاھىدە تەرەققىيات باسقۇچى>> دا ئىكەنلىكىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، كېيىنكى باسقۇچلاردا كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىدىغانلىقلىرى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

شى فامىلىلىك كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرەشتە مۇمكىن بولغان ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ كۆمۈرنى يېقىلغۇ قىلىدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرىغا بولغان تايىنىشچانلىقىنى ھازىرقى ئەھۋالدىن تېخىمۇ تېز تىزگىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

شى فامىلىلىك 2015-يىلى پارىژ كىلىمات كېلىشىمىنى مۇزاكىرە قىلىش باسقۇچىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقلىرىنى، تەبىئەتكە زىيان سالىدىغان كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىشتا، خىتاي ئەمەس بەلكى ئامېرىكا ۋە باشقا تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تېز ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر