ئامېرىكانىڭ تەيۋەن ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرغانلىقى ئېلان قىلىندى

تەيۋەن، 40 ئەسكىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكاغا قاراشلىق گۇئام ئارىلىدا ئامېرىكا ئارمىيەسى تەرىپىدىن مەشىق قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1728311
ئامېرىكانىڭ تەيۋەن ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرغانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «تەيۋەن خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چيۇ كۇ-چېڭ بايانات بېرىپ، 40 تەيۋەن ئەسكىرىنىڭ گۇئام ئارىلىدىكى يېڭى سېلىنغان ئامېرىكا بازىسىدىكى مەشىقىنىڭ «ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قەدىمى»نىڭ بىر پاچىسى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى ئېيتقان ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پۇختا ئاساسلار ئۈستىدە تۇرماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

خىتاي بىلەن دەتالاشلىق تەيۋەن ئارىلىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى سەي يىڭۋېن 28-ئۆكتەبىر بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ بېيجىڭنىڭ قىلغۇسى مۇداخىلىسى ياكى ئىشغالىغا قارشى ئارالنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

تەيۋەن رەھبىرى سەي يىڭۋېن CNN International  قانىلىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەن ئارمىيەسىنى مەشىقلەندۈرۈش ئۈچۈن تەيۋەنگە كەلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر