تۈرەجى ۋە شاھىن: كوۋىد - 19 ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە زۇكامغا ئايلىنىدۇ

ئۆزلەم تۈرەجى بىلەن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن، يۇقۇمنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1728018
تۈرەجى ۋە شاھىن: كوۋىد - 19 ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە زۇكامغا ئايلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۇنجى تەستىقتىن ئۆتكەن كوۋىد – 19 ۋاكسىنىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان گېرمانىيە شىركىتى — بئونتېكنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئۆزلەم تۈرەجى بىلەن پىروفېسسور دوكتور ئۇغۇر شاھىن، يۇقۇمنىڭ ئاخىرلىشىش ۋاقتى توغرىسىدىكى دەتالاشلارغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ۋىرۇس كىشىلەر ھەر يىلى ياكى ئىككى يىلدا بىر قېتىم ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا ئايلىنىدۇ. كوۋىد – 19 تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدىغان ۋىرۇس  بولىدۇ» دېدى.

شاھىن ۋىرۇسنىڭ ۋارىيانتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «بىز نۆۋەتتە بىر قەدەر ئاز پىدائىيلار ئۈستىدە ۋارىيات ۋاكسىنىسىنى سىناق قىلىۋاتىمىز. جەنۇبىي ئافرىقا سىناق نۇسخىسى تەتقىقاتى ئاساسەن دېگۈدەك تاماملاندى، دېلتا تۈرىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاش خىزمەتلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

كوۋىد -19 يۇقۇمىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنى ھەمبەھىرلىگەن تۈرەجى: «ھازىر ئېنىق ئېيتالايدىغىنىمىز، يېڭى نورمال ھالەتنىڭ ئاستا-ئاستا ئىزىغا چۈشۈۋاتقانلىقىدۇر. بۇنى ھازىردىنلا ھېس قىلالايمىز، ۋىرۇسنى قانداق يېڭىدىغانلىقىمىزنى ئۆگىنىۋاتىمىز» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ياخشى بولغاچقا، بۇ بىز تېخىمۇ ئەركىن ھەرىكەت قىلالايدىغان نورمال ھالەت بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ۋىرۇس بىلەن يەنە بىر قانچە يىل ئېلىشىمىز. يىللارنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بۇ ۋىرۇس كىشىلەر ھەر يىلى ياكى ئىككى يىلدا بىر قېتىم ۋاكسىنا ئەملىتىدىغان زۇكام ۋىرۇسىغا ئايلىنىدۇ. كوۋىد – 19 تېخىمۇ ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدىغان ۋىرۇس  بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇغۇر شاھىن، نۆۋەتتىكى كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى بايان قىلىپ: «ھازىرقى ۋاكسىنىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق، يۇقۇمنىڭ يېڭى ۋارىيانتلىرىغا قارشى ۋاكسىنىلارنى ئىشلەپچىقىرالايدىغانلىقىمىزنى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتە بىز ئىشلىتىۋاتقان ۋاكسىنىغا ئوخشاشلا بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇلارنى كلىنىكىدا سىناق قىلىۋاتىمىز. كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بىرەر ۋارىيانت بارلىققا كېلىپ، ۋاكسىنىنى ئۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئۇنى ناھايىتى تېزلا قىلالايمىز، چۈنكى بىز كېرەكلىك قەدەملەرنى ئاللىبۇرۇن بېسىپ بولغان بولىمىز. بۇ ئارقىلىق ئىنتايىن تەمكىنلىك بىلەن، ۋاكسىنىنىڭ ھەر ئىككى يىلدا بىر يېڭى ۋىرۇس تۈرلىرىگە ماسلاشتۇرۇش قەدىمىنى باسالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر