رەھبەرلەر ئورمان كىسىشنى توختىتىشقا ۋەدە بەردى

ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا كېلىشىمى 26-قېتىملىق تەرەپلەر كونفېرانسى (COP26) دا، 100 دىن ئارتۇق رەھبەر 2030-يىلىغىچە ئورمان كىسىشنى توختىتىشقا ۋەدە بەردى.

1728058
رەھبەرلەر ئورمان كىسىشنى توختىتىشقا ۋەدە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شوتلاندىيەنىڭ گلاسگوۋ شەھىرىدە رەھبەرلەر «ئورمانلار ۋە يەر ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەر خىتابنامەسى» نى ئىمزالىدى.

خىتابنامەدە، ئورمانلارنى ۋە باشقا قۇرۇقلۇق ئېكولوگىيەلىك سىستېمىلارنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تېزلەشتۈرۈش، داۋاملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەرەققىياتنى تەشەببۇس قىلىدىغان سودا سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزا تۇرمۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى ۋە ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى بەلگىلەش، يەرلىك ئاھالىلەرنى قوللاش ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ خەلقئارا نىشانغا ماس كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ۋەدە بەرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

دۇنيا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش فوندى (WWF) يەرشارى ئورمانچىلىق بەلگىلىمىلىرى رەھبىرى فرانس پرايس (France Price) خىتابنامە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئورمان كېسىشنى توختىتىش ۋەدىسىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئورمانلار، ئىنسانىيەت، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئېكولوگىيەلىك سىستېما خىزمەتلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەمما، ئورمانلارنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان دەرىجىدىكى يوقىلىشى داۋاملاشماقتا» دېدى.

ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ قاتنىشىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق يەر ۋە ئورمان باشقۇرۇشنى ياخشىلاش سالمىقىنى تېزلىتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىز ھۆكۈمەتلەرنى بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئورمان ۋە يەر ئىشلىتىش ۋەدىسىنى،  ئۇلۇغۋار،  زامانغا لايىق نىشانلار ۋە بۇ نىشانلارنى نازارەت قىلىش ھەمدە دەلىللەش ئۈچۈن ئورتاق ئوچۇق-ئاشكارا بولغان رامكا ئارقىلىق تاماملاشقا چاقىرىمىز. چۈنكى ئىسراپ قىلغۇدەك ۋاقتىمىز يوق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر