تالىبان بىر تۈركۈم دائېش ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلدى

تالىبان ئافغانىستاننىڭ پاكىستان چېگراسىدىكى شەرقىي نانگارھار ۋىلايىتىدە تەسلىم بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ 65 ئەزاسىنى كەچۈرۈم قىلدى.

1727475
تالىبان بىر تۈركۈم دائېش ئەزالىرىنى كەچۈرۈم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نانگارھار ۋىلايىتى مەسئۇللىرى 65 دائېش ئەزاسىنىڭ كوت ۋە باتكوت ناھىيەلىرىدە قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ۋاستىچىلىق قىلىشى بىلەن، ئىستىخبارات تارماقلىرىغا تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مەسئۇل دائىرىلەر، پۇشايمانلىقىنى بىلدۈرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى، بۇ كىشىلەر قايتا قولىغا قورال ئالغان ئەھۋالدا ئەڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئافغانىستاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلغان دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى 8-ئۆكتەبىر (2021) جۈمە كۈنى قۇندۇز ۋىلايتىنىڭ سايېد ئاباد رايونىدىكى شىئە جامەسىگە كىشىلەر ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا ئادەم بومبا ھۇجۇمى قىلىپ، 46 كىشىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە، 143 كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر