بلىنكېن ۋە بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ۋە بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

1726811
بلىنكېن ۋە بىر قىسىم پالاتا ئەزالىرى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن، 29 – ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقىتىپ، «تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقدىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شېرىكىدۇر» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان تېلېگراممىدا، بلىنكېننىڭ ئامېرىكا نامىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان تۈرك خەلقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىندى.

«تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىتتىپاقدىشى ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ شېرىكىدۇر» دېگەن بلىنكېن، تۈركىيەنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان دۇنياۋى قىيىنچىلىقلارغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇناسىۋىتىنىڭ سودا، دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدىكى كۈچلۈك ھەمكارلىق ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن چوڭقۇر خەلقلەر ئاراسى رىشتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ كۈچى نۇقتىسىدىن ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ ئالاھىدە كۈننى تەبرىكلەۋاتقان سىلەرگە ئەڭ ياخشى تىلەكلىرىمىزنى سۇنىمىز ۋە ئالدىمىزدىكى يىللاردا شېرىكچىلىكىمىزنى زورايتىشنى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتمەكتىمىز» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋىتى ۋە تۈرك ئامېرىكالىقلار گۇرۇپپىسىدىكى پالاتا ئەزالىرى 29- ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق باشلىقلىرى تېننېسسى ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى ستېۋ كوخېن، ئوھايو ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى ستېۋ چابوت، ۋىرگىنىيە ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى گېررى كوننولى ۋە جەنۇبىي كارولىنا ئىشتاتى پالاتا ئەزاسى جوۋ ۋىلسون تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 98 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن يازما بايانات ئېلان قىلدى. «تۈرك خەلقى ۋە تۈرك ئامېرىكالىقلارنىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1923- يىلى 29- ئۆكتەبىر مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تەرىپىدىن قۇرۇلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئامېرىكادىكى تۈركلەرنىڭ سەنئەت، ئىلىم-پەن، تەتقىقات ۋە سودا دۇنياسىغا نۇرغۇن تۆھپە قوشقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا: «تۈركىيە ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقانىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە مۇسۇلمانلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئەزاسى بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھالقىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىتتىپاقداشتۇر. ئۇ چېگرا ھالقىغان بىخەتەرلىك ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر