ئەنگلىيە فىرانسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

ئەنگلىيە فىرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەھدىت سېلىشنى داۋاملاشتۇرغان ئەھۋالدا ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1726655
ئەنگلىيە فىرانسىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تۈنۈگۈن (2021-يىلى 28-ئۆكتەبىر) بېلىقچىلىق پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى.

ئەنگلىيە مۇھىت، يېمەك-ئىچمەك ۋە يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرى جورج ئېيۇستىس (George Eustice)، ئەنگلىيە بىلەن فىرانسىيە ئوتتۇرىسىدكى بېلىقچىلىق مەسىلىسى ئۈستىدە توختىلىپ، فىرانسىيەنىڭ قىلمىشىنىڭ <<پۈتۈنلەي مۇۋازىنەتسىز ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقى>> نى بىلدۈردى.

ئۇ: <<فىرانسىيەنىڭ تەكلىپلىرى چېگرادا ئىشلارنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدۇ. بۇ ئۇلار بىلەن تۈزگەن سودا ۋە ھەمكارلىق كېلىشىملىرىمىزگىلا ئەمەس، بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقى قانۇنلىرىغىمۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ>> دېدى.

ئۇ فىرانسىيەنىڭ كۈشكۈرتچىلىك خاراكتېرلىك سۆزلەرنى قىلغانلىقىنى ۋە تەھدىت سېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: << نېمە قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز. فىرانسىيە ئەنگلىيەگە قارشى يۈرگۈزىدىغان تەدبىرلىرىنى ئەڭ كېيىن بولغاندا، سەيشەنبە (2021-يىلى 2-نويابىر) كۈنىگىچە يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئەگەر ئۆزى دېگەن تەدبىرلەرنى يولغا قويسا، بىزمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىمىز>> دېدى.

فىرانسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرى پلېمېنت بۇن (Clement Beaune) تۈنۈگۈن (2021-يىلى 28-ئۆكتەبىر) ئەنگلىيە بىلەن  داۋاملىشىۋاتقان بېلىقچىلىق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پەقەت <<كۈچ>> نى چۈشىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئەنگلىيە پاراخوتلىرىدىن بىر قانچىسىدىن باشقا فىرانسىيەدىكى پورتلاردا توختىيالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇس (Liz Truss)، فىرانسىيەنىڭ تەھدىتلىرىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، لوندوندىكى فىرانسىيە باش ئەلچىسىنى چاقىرتقان ئىدى.

لىز ترۇس فىرانسىيە باش ئەلچىسى بىلەن كۆرۈشكەندە، فىرانسىيەنىڭ ئەنگلىيە ۋە مانش ئاراللىرى توغرىسىدا كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان ھەمدە مۇۋازىنەتسىز باياناتلىرىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە 2021-يىلىدىكى بېلىقچىلىق بەلگىلىمىلىرىنى بېكىتىش مۇزاكىرەلىرىدە مۇرەسسەلىشەلىگەن بولسىمۇ، ئەمما فىرانسىيەلىك بېلىقچىلار بەلگىلەنگەن رايونلاردا ھەرىكەت قىلمىدى.

ئەنگلىيەگە قاراشلىق جېرسېي (Jersey) ئارىلى ھۆكۈمىتى ئارال دېڭىز تەۋەلىكىدە داۋاملىق بېلىقچىلىق قىلماقچى بولغان فىرانسىيە پاراخوتلىرىدىن ئۆتمۈشتىكى ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك دەلىل تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال ئەنگلىيە-فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر