ئىراننىڭ يادرو سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارار قىلىندى

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باكىرى ئاۋىستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادىكى يادرو كېلىشىمى سۆھبەتلىرىنىڭ نويابىرنىڭ ئاخىرىدا قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1726158
ئىراننىڭ يادرو سۆھبەتلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارار قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باكىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قوشۇمچە سىياسىي ئىشلار دىرېكتورى ئېنرىك مورا بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن  تۋىتتېر سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مورا بىلەن نېگىزلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا «ئەستايىدىل ۋە ئىجابىي» سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن باكىرى، يادرو كېلىشىمى سۆھبىتىنى نويابىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن باشلاش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى، سۆھبەتنىڭ كونكرېت ۋاقتىنىڭ كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، 6- ئاپرېل ۋىيېننادا باشلىنىپ، 6 قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمى سۆھبىتى ئىراندىكى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن توختاپ قالغانىدى.

ئىران ھۆكۈمىتى سۆھبەتكە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مورا 14-ئۆكتەبىر تېھراندا ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەلى باكىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى قايتىدىن باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر