رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يوللىدى

رۇسىيەنىڭ «Progress MS-18» ناملىق ئۇچقۇچىسىز يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسى بايقونۇر كوسمودرومىدىن خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا قويۇپ بېرىلدى.

1726036
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتىغا يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ بايقونۇر كوسمودرومىدىن تۈركىيە ۋاقتى 03:00 تە قويۇپ بېرىلگەن «Progress MS-18» ناملىق ئۇچقۇچىسىز يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ بوشلۇققا ئۆرلەش جەريانى  رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئورگان تورىدا نەق مەيداندىن تارقىتىلدى.

560 كىلوگىرام يېقىلغۇ، 420 لىتىر ئىچىملىك ​​سۇ ۋە 1490 كىلوگىرام تېخنىكىلىق ماتېرىياللارنى ئېلىپ قوزغالغان «Progress MS-18» ناملىق ئۇچقۇچىسىز يۈك توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنىڭ 30- ئۆكتەبىر تۈركىيە ۋاقتى سائەت 4 تىن 34 مىنۇت ئۆتكەندە خەلقئارا ئالەم پونكىتىغا يېتىپ بېرىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

خەلقئارا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، ياۋروپا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى، كانادا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ۋە ياپونىيە ئالەم چارلاش ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەمكارلىقىدا قۇرۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر