خىروشىماغا ئېتىلغان ئاتوم بومبىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھىدى 96 يېشىدا ۋاپات بولدى

ئامېرىكانىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتوم بومبىسى بىلەن ياپونىيەنىڭ خىروشىما شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ھايات قالغان 96 ياشلىق سۇناۋ تسۇبوي ۋاپات بولدى.

1726202
خىروشىماغا ئېتىلغان ئاتوم بومبىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى شاھىدى 96 يېشىدا ۋاپات بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيانىڭ  تۇنجى ئاتوم بومبا ھۇجۇمى ھۋسابلىنىدىغان ۋە ئامېرىكانىڭ |خىروشىماغا قىلغان ھۇجۇمىدا، يەنى 1945 – يىلى 6 ئاۋغۇستتا تسۇبوينىڭ 20 ياشتا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

گەرچە ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتقا كېتىۋاتقاندا ئاتوم بومبىسى تاشلانغان «نۆل نۇقتا» دىن 1.2 كىلومىتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ، پۈتۈن بەدىنى كۆيۈپ كەتكەن ئىدى.

سۇناۋ تسۇبوي ياپونىيەدىكى «ئاتوم بومبىسى ۋە ھىدروگېن بومبىسى ھۇجۇمىدا ھايات قالغۇچىلار» ناملىق تەشكىلاتنىڭ باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىدى.

96 ياشلىق يادرو قورالسىزلىنىش پائالىيەتچىسى تسۇبوينىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنىڭ يۈرەك رىتىمى قالايمىقانلىشىپ، 24-ئۆكتەبىر قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىدىن باراك ئوباما 2016-يىلى 27-مايدا خىروشىما زىيارىتى جەريانىدا تسۇبوي بىلەن قىسقىلا كۆرۈشكەن ئىدى.

1939-يىلىدىن 1945 – يىلىغىچە بولغان ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا، ئامېرىكا ياپونىيەنىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكى شەھەرلىرىگە ئاتوم بومبىسى تاشلىغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ خىروشىما ۋە ناگاساكىغا قىلغان ئاتوم بومبا ھۇجۇمى، ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىغا يول ئاچقان ئىدى.

ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشى بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى رەسمىي ئاخىرلاشقان ئىدى.

دۇنيادا تۇنجى بولۇپ ئاتوم بومبىسى ئىشلەتكەن دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تارىختىن ئورۇن ئالغان ئامېرىكانىڭ بۇ ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 140 مىڭ كىشى قازا قىلغان ئىدى.

ياپونىيەلىكلەر بولسا، ئىككى شەھەردە قازا قىلغانلار سانىنىڭ 500 مىڭغا يېقىنلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر