ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتىنىڭ مەشىق مەركىزىنى بومباردىمان قىلدى

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى قوزغىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇمىنىڭ ئىككىنچى ھەپتىسىدە، فىرونتنىڭ بىر ھەربىي مەشىق مەركىزىنى بومباردىمان قىلدى.

1725302
ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتىنىڭ مەشىق مەركىزىنى بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى  خەۋىرى: ئېفىيوپىيە ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، تىگراينىڭ پايتەختى مېكېللېغا يېقىن كۇيخادىكى بىر  ھەربىي مەشىق مەركىزىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىگىلىنىشچە، مەزكۇر مەشىق مەركىزىدە قوزغىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتىنىڭ ئالاھىدە قوراللىق ئۇنسۇرلىرى تەربىيەلىنىدىكەن.

ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى قوزغىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتىنىڭ تىگراي ئۆلكىسىنىڭ ماي ترېبرى ۋە ئادۋا رايونىدىكى يەنە بىر مەشىق مەركىزى بىلەن قورال ئىشلەپچىقىرىش مەركىزىنى بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئېفىيوپىيە ئارمىيەسى بىلەن قوزغىلاڭچى تىگراي خەلق ئازادلىق فىرونتى قوراللىقلىرىنىڭ ئامخارا ۋە ئافار رايونىدىكى توقۇنۇشلىرى داۋاملاشماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر