ئەگە دېڭىزدا يۈز بەرگەن كېمە قازاسىدا تۆت بالا جېنىدىن ئايرىلدى
ئەگە دېڭىزىنىڭ ساكىز ئارىلى تەۋەلىكىدە تەرتىپسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر كېمە غەرق بولۇپ كېتىپ، تۆت بالا قازا قىلدى.
1725269
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە كۆچمەنلىك ۋە پاناھلىنىش ئىشلىرى مىنىستىرى نوتىس مىتاراكس قازا توغرىسىدا تىۋىتتتېردىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، ئۈچ ياش بىلەن 14 ياش ئارىلىقىدا تۆت بالىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 22 ئادەمنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى، بىر كىشىنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېشقا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى
فىلىپپىن بىخەتەرلىك قىسىملىرى دائېش بىلەن چېتىشلىقى بار 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.