يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 814 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

يەمەندە ھۆكۈمەت ۋە بىرلەشمە قىسىمنىڭ ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشى، ھەمدە ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 814 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1724375
يەمەندىكى ھەربىي ھەرىكەتلەردە 814 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان س پ ئا (SPA)  ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىرلەشمە قىسىم يېقىنقى 72 سائەتتە مارىب ۋىلايىتىنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئەل قەسارا ۋە ئەلجەۋبە رايونلىرىدا جەمئىي 88 قېتىم ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.

ھەربىي ھەرىكەتلەردە 264 تىن كۆپ ھۇسىي قوراللىق كۈچى بىر تەرەپ قىلىنغان ۋە 36 ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلانغان.

ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى يەھيا ئەسسەرى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ھۇسىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ 550 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، 1200 كىشىنى يارىدار قىلغانلىقىنى ۋە 90 كىشىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «غەبۋە بىلەن مارىب ۋىلايەتلىرىدە <زافەر باھارى> ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە جەمئىي 3200 كىۋادرات كىلومېتىرلىق جاي قۇتقۇزۇلدى» دېدى.

يەمەندىكى ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىيلار 2014-يىلى سېنتەبىردىن تارتىپ پايتەخت سانئا ۋە بەزى جايلارنىڭ كونتروللۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىم 2015-يىلى مارتتىن بۇيان ھۇسىيلارغا قارشى يەمەن ھۆكۈمىتىنى قوللاپ كەلمەكتە.

يەمەندە يەتتە يىلدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلاردا 233 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. دۇنيادىكى ئەڭ كەمبەغەل دۆلەتلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالغان يەمەندە ئىچكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇرلاشقان ئىنسانىي كىرىزىس بارغانسېرى قورقۇنچ تۈسكە كىردى.

ب د ت نىڭ مەلۇماتلارىدا، تەخمىنەن 30 مىليون نوپۇسقا ئىگە يەمەندە، 22 مىليوندىن كۆپ كىشى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىگە ۋە قوغداشقا موھتاج ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر