نىگېرىيەدە قېچىپ كەتكەن 838 مەھبۇستىن 446 سى تۇتۇلدى

نىگېرىيەنىڭ ئويو ئۆلكىسىدىكى تۈرمىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا قېچىپ كەتكەن يۈزلىگەن مەھبۇستىن 446 ى قولغا چۈشتى.

1724582
نىگېرىيەدە قېچىپ كەتكەن 838 مەھبۇستىن 446 سى تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى رائۇف ئارېگبېسولا ئاخباراتلارغا بەرگەن باياناتىدا، 22-ئۆكتەبىر ئابولونگو رايونىدىكى تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەن 838 مەھبۇستىن 446 سىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارېگبېسولا ھۇجۇم جەريانىدا 69 مەھبۇسنىڭ قېچىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئەڭ ئاخىرقى ھېسابقا ئاساسلانغاندا، قېچىپ كەتكەنلەردىن 446 سى تۇتۇلدى، 392 مەھبۇس ھازىرغىچە تېپىلمىدى» دېدى.

ئارېگبېسولا رايوندىكى ئاھالىلەرنى قېچىپ كەتكەن مەھبۇسلارغا ياردەم قىلماسلىققا چاقىرىق قىلدى.

قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ 22-ئۆكتەبىر كەچتە قىلغان ھۇجۇمىدا، ئىككى تۈرمە خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر