موسكۋادا  ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ  2 كىشى قازا قىلدى

رۇسىيەنىڭ موسكۋا رايونىدا يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىدە ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1724548
موسكۋادا  ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ  2 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى موسكۋا رايونىغا قاراشلىق رۇزا شەھىرىگە يېقىن جايدا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئېروكلسسۇكا ئاۋىئاتسىيە كۇلۇبىغا تەۋە A-22 تىپلىق كىچىك ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن 2 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئايروپىلاننىڭ نېمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا ھازىرچە ھېچقانداق چۈشەنچە بېرىلمىدى، ئەمما ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر