شىمالىي كورېيە ئامېرىكانى تەيۋەننى پەرۋاسىزلەرچە قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ تەيۋەننى بىپەرۋالىق بىلەن قوللاش ئارقىلىق رايوندا ھەربىي جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پاك ميوڭ خو بايانات بېرىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىغا ئۇرۇش پاراخوتلىرىنى ئەۋەتىشى، تەيۋەننى قورال سىستېمىسى ۋە ھەربىي مەشىق بىلەن تەمىنلىشىنى ئەيىبلىدى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننى بىپەرۋالىق بىلەن قوللاپ، بۇ رايوندىكى ھەربىي جىددىيچىلىكنى كۈچەيتىۋەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان پاك، ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشىنىڭ شىمالىي كورېيەگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ، ئامېرىكانىڭ شىمالىي كورېيە پۈتۈنلەي خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ قارايدىغان تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا بىپەرۋالىق بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 21-ئۆكتەبىر CNN تېلېۋىزىيە قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئەگەر خىتاي ھۇجۇم قىلىپ قالغان تەقدىردە تەيۋەننى قوغدايدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكىتن ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىزنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇداپىئە مۇناسىۋىتىمىز <تەيۋەن مۇناسىۋىتى قانۇنى>غا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئامېرىكا تەيۋەنگە ياردەم بېرىش ۋە ئۆزىنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ۋەدە بەرمەكتە» دېگەنىدى.