بايدىن بىلەن ماكرون تېلېفونلاشتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون تېلېفونلىشىپ، ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

1723840
بايدىن بىلەن ماكرون تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي يازما بايانات ئېلان قىلىپ، جو بايدىننىڭ ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى، ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ ساھىل رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوللاش، ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ ھىندى – تىنچ ئوكياندىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاقساراي، ئىككى رەھبەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ يېتەرسىز جايلىرىنى تولۇقلاش ئارقىلىق تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ياۋروپا مۇداپىئەسى يارىتىش تىرىشچانلىقى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلكىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئاقساراي، بايدىننىڭ ئۇچرىشىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئامېرىكا – فىرانسىيە ھەمكارلىقىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىگە قاراپ چىقىپ، بىرلىكتە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۇرسەتلەردىن تەڭ پايدىلىنىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق، ئورتاق قىممەتلەرنى مۇستەھكەملەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەمدە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىتالىيەنىڭ پايتەختى رىمدا ئۆتكۈزىدىغان ئۇچرىشىشنى تۆت كۆز بىلەن كۆتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ىبلدۈردى.

ئاقساراي، تېلېفون سۆھبىتى جەريانىدا بايدىننىڭ ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى كامالا خاررىسنىڭ نويابىردا فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژغا قارىتىدىغان زىيارىتىنىڭ، ئامېرىكا - فىرانسىيە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىم پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر