ب د ت دوكلاتچىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان جازالارنى بوشىتىشقا چاقىردى

كۇۋىنتانا ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەدە كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق خەۋىپىنىڭمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1723851
ب د ت دوكلاتچىسى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى شىمالىي كورېيەگە قارىتىلغان جازالارنى بوشىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ شىمالىي كورېيە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە دوكلاتچىسى توماس ئوجېئا كۇۋىنتانا، شىمالىي كورېيەدىكى ئاچارچىلىق خەۋىپىنى نەزەردە تۇتۇپ، يادرو پىلانىغا قويۇلغان بەزى جازالارنى بوشىتىشنى تەلەپ قىلدى.

كۇۋىنتانا ب د ت باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، شىمالىي كورېيەدە كوۋىد – 19 يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئاچارچىلىق خەۋىپىنىڭمۇ ئېغىرلاپ كەتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ يۇقۇم سەۋەبىدىن يولغا قويغان قاتتىق تەدبىرلىرىنىڭ دۆلەتنى يالغۇزلاشتۇرۇپ،  خەلقنىڭ ئاساسىي ئېھتىياجلىق ئەشيالىرىدىن مەھرۇم قالغانلىقىنى تىلغا ئالغان كۇۋىنتانا، چېگرالار تاقاق ھالەتتە قېلىۋىرىدغان بولسا، ئاچارچىلىق خەۋىپىنىڭ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى ئاچارچىلىق خەۋىپىنى نەزەردە تۇتۇپ شىمالىي كورېيەگە قاراتقان بەزى جازالارنى بوشىتىشنى ئويلىشىشقا چاقىردى.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى يادرو پىلانى سەۋەبىدىن 2006- يىلدىن باشلاپ شىمالىي كورېيەگە ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جازا يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر