ب د ت بىرما ئارمىيەسىنىڭ زوراۋانلىقنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ بىرما كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە دوكلاتچىسى توم ئاندرېۋس، بىرمادىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى دوكلاتى توغرىسىدا توختالدى.

1723832
ب د ت بىرما ئارمىيەسىنىڭ زوراۋانلىقنى كۈچەيتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان بىرما ئارمىيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا ئەسكەر ئەۋەتىشنى كۈچەيتىشىدىن كېيىن، سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى گۇرۇپپىلار ۋە پۇقرالارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت)نىڭ بىرما كىشىلىك ھوقۇق ئالاھىدە دوكلاتچىسى توم ئاندرېۋس، بىرمادىكى ئەڭ يېڭى ۋەزىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى دوكلاتى توغرىسىدا توختالدى.

ئاندرېۋس، بېرما ئارمىيەسىنىڭ شىمالدىكى ئۆلكىلەرگە ئون مىڭلارچە ئەسكەر ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ ئاراكان ئۆلكىسىدە 2016- ۋە 2017- يىللىرى يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ئىلگىرىكى ئەسكەر توپلاشقا ئوخشايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنى بېرما ئارمىيەسىنىڭ پۇل، قورال ۋە قانۇنىيلىق ئىشىكلىرىنى تاقاشقا چاقىردى ۋە يېقىندا مىڭلىغان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى مىسال قىلىپ، بۇ خىل جازالارنىڭ ئۈنۈمىنىڭ بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاندرېۋس، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىمۇ بىرماغا قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈش ھەققىدىكى قارارىنى ئىجرا قىلىشقا چاقىردى.

بىرما ئارمىيەسى 2020-يىلى 8-نويابىردا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامغا ھىيلە ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى، شۇنداقلا بىرمادا سىياسىي ئىختىلاپلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى باھانە قىلىپ، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانىدى.

بىرما ئارمىيەسى يەنە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئەمەلىي رەھبىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى نۇرغۇن پارتىيە مەسئۇللىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.

بېرما سىياسىي مەھبۇسلارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئارمىيەنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشچىلار ۋە قوزغىلاڭچى گۇرۇپپىلارغا قوراللىق مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە 1100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 9 مىڭدىن ئارتۇق نامايىشچى قولغا ئېلىنغان.

بىر تەرەپتە بىرمادا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلمەكتە، يەنە بىر تەرەپتە نازارەت ئاستىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ھەربىي سوتتا سوتلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر