ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنىڭ سومالىدا پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش ھەيئىتى،  10-ئاۋغۇست كۈنى سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابقا قارشى ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا ئەسكەرلىرىنىڭ 7 پۇقرانى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

1723595
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرىنىڭ سومالىدا پۇقرالارنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش ھەيئىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا 7 پۇقرانىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇنىڭ راستلىقىنىڭ ئىسپاتلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

گولۋېين رايونىدىكى توقۇنۇش ئەسناسىدا ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش ھەيئىتىنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، جاۋابكار ئەسكەرلەرنىڭ سوتقا تارتىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا يەنە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ۋە شۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ ئۇگاندا پۇقراسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىدىكى ۋەزىپە ئۆتەش ھەيئىتى قارمىقىدا 5 دۆلەتتىن 20 مىڭ ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتىمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر