سۇداندىكى نامايىشلاردا ئونلارچە ئادەم يارىلاندى

سۇدان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ، ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ ھۆكۈمەتنى مەمۇرىي قاتلامغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئاممىغا قىلغان مۇداخىلىسى جەريانىدا 35 ئادەم يارىلاندى.

1723360
سۇداندىكى نامايىشلاردا ئونلارچە ئادەم يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇدان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، پىلاستىك ۋە ھەقىقىي ئوقلارنى ئىشلىتىپ تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى جەريانىدا 35 ئادەم يارىلانغان.

مۇستەقىل سۇدان مەركىزى دوختۇرلار كومىتېتى بولسا، خەۋپسىزلىك  كۈچلىرىنىڭ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى جەريانىدا جەمئىي 37 نامايىشچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 4 نەپىرىنىڭ نەق مەيداندا ھەقىقىي ئوق تېگىپ يارىلانغانلار ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

ھۆكۈمەتنىڭ تارقىتىۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ پايتەختنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا 6 كۈندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلاردىن باشقا، مىڭلىغان ھۆكۈمەت قوللىغۇچىلىرىمۇ دۆلەت مىقياسىدا مەيدانلارغا چىقىپ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ قايتىپ كېلىشى ۋە ئىنقىلابقا ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر