رۇسىيەدە بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 16 ئادەم قازا قىلدى.

1723604
رۇسىيەدە بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە نۇرغۇن ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت موسكۋانىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى رىيازان رايونىغا جايلاشقان خىمىيەلىك ماددا ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر زاۋۇتنىڭ مىلتىق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا پارتلاش يۈز بەردى.

پارتىلاشتىن كېيىن يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 16 ئادەم قازا قىلدى، 1 ئادەم يارىلاندى.

ئىگىلىنىشىچە، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر