ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى قۇردى
ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجىتمائىي تاراتقۇ سۇپىسى نى كېلەر ئاي رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب ب س خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ <<چوڭ شىركەتلەرنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى تۇرىدىغانلىقى>> ئەسكەرتكەن ۋە بۇ شىركەتلەرنى ئامېرىكادىكى ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئۇ: <<تالىباننىڭ تۋىتتېردا مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكەن، ئەمما سىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئاۋازى جىمىقتۇرۇلغان دۇنيادا ياشىماقتىمىز. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ>> دېدى.
ئۇ <<TRUTH Social>> نىڭ كېلەر ئاي سەرخىل تەكلىپ قىلىنغۇچىلارغا قارىتا ئېچىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە 2022-يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە قوللانغۇچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشۈشىنىڭ پىلان قىلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرى تۋىتتېر، گوگۇل، يۇتۇب ۋە فەيسبۇك قاتارلىقلار ترامپنىڭ ئادرېسىنى 6-يانۋار يۈز بەرگەن كونگرە ۋەقەلىرىدە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تاقىۋەتكەن ئىدى.