رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى موسكۋادا بىر يەرگە جەم بولۇپ، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

1722859
رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرى كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئالېكسېي ئوۋېرچۇك، ئەزەربەيجان  مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شاھىن مۇستافايېۋ ۋە ئەرمېنىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مگېر گرىگوريان، موسكۋادا چاقىرىلغان 8-نۆۋەتلىك  ئۈچ تەرەپلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىدا بىر يەرگە جەم بولغان، يىغىندا، تەرەپلەر، جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدىكى قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك كۆز – قاراشلار،  شۇنداقلا، رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە پىرېزىدېنتلىرىنىڭ 2021-يىلى 11-يانۋار كۈنىدىكى ئورتاق باياننامىسى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرغان.

تەرەپلەر، 8-نۆۋەتلىك  ئۈچ تەرەپلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆتكۈزۈش مەسىلىسىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر