لىۋىيە: تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز

لىۋىيە پىرېزىدېنت كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇللاھ ئەللافى، لىۋىيە - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان شەكىلدە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1722814
لىۋىيە: تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئارزۇ قىلىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەللافى، ئىككى دۆلەتنى بىر - بىرىگە چەمبەرچەس باغلايدىغان تارىخىي رىشتىلەر ۋە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىۋىيە كىرىزىسىنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشىدا تۈركىيەنىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت ۋە پارلامېنت سايلاملىرىنىڭ بەلگىلەنگەن كۈندە ئۆتكۈزۈلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى قەيت قىلغان ئەللافى، دۆلەت ۋە ئاۋام پالاتاسىنىڭ سايلام قانۇنى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر