خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

خىتاينىڭ تۆت دېڭىز قىرغىقى قوغدىغۇچى پاراخوتى شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشلىق سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

1722937
خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناخا ناھىيەسىدىكى 11-رايونلۇق دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە،  خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دۆلەت زېمىنىغا تاخاۋۇز قىلغان. جۈملىدىن، بۇ پاراخوتلار، مىنامى كوجىما ۋە ئۇتسۇرىجىما ئاراللىرىغا يېقىنلىشىپ، ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى دائىرىسىدىكى تالاش-تارتىشلىق رايونىدا تەخمىنەن ئىككى سائەت تۇرغان.

پاراخوتلار  كېيىنچە كۇباشىما ئارىلىنىڭ  26 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبىدا ماڭغان.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بۇ رايوندىن ئايرىلىش ئاگاھلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە، خىتاي  پاراخوتلىرى رايوندىن ئايرىلغان.

ياپونىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئورگىنى NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى قېتىم، 19 – سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلغان خىتاي پاراخوتلىرى، شۇنىڭ بىلەن، بۇ يىل 30-قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر