كابۇلدا تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدا تالىبان كۈچلىرىگە ئائىت ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

1722335
كابۇلدا تالىبان كۈچلىرىنىڭ ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پايتەخت كابۇلنىڭ دېھمېزېڭ ئاچىلىدا تالىبان كۈچلىرىگە ئائىت ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ھۇجۇمدا بىر كىشى قازا قىلغان، 2 كىشى يارىلانغان.

شاھىتلار، ھۇجۇمدا 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر