گىرېتسىيەنىڭ مۇداپىئە كېلىشىمى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

گىرېتسىيەنىڭ فىرانسىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىمزالىغان مۇداپىئە كېلىشىملىرى بۇ دۆلەتتىكى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

1722346
گىرېتسىيەنىڭ مۇداپىئە كېلىشىمى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئاتىنادا گىرېتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قوراللىنىش سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار، مۇداپىئە، تاشقى سىياسەت ۋە قورال-ياراغ قاتارلىق ساھەلەر بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىشنى مەزمۇن قىلغان كېلىشىملەرگە نارازىلىق بىلدۈردى.

«فىرانسىيە -گىرېتسىيە كېلىشىمىنى قوبۇل قىلمايمىز» دېگەن خەتلەر يېزىلغان پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈۋېلىشقان نامايىشچىلار، ئامېرىكانىڭ گىرېتسىيەگە ئەسكەر توپلىشىنىمۇ ئەيىبلىدى.

گىرېتسىيەدىكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرمۇ كېلىشىمدىن نارازى بولۇپ، گىرېتسىيەنىڭ بۇ كېلىشىملەر نەتىجىسىدە پايدىدىن كۆپرەك زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە — سيرىزانىڭ رەھبىرى ئالېكىس چىپراس، باش مىنىستىر كىرياكوس مىتسوتاكىسقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «گىرېتسىيە زېمىنلىرىدا قەرەلسىز ھەربىي بازىلارنى  تەسىس قىلغان تۇنجى باش مىنىستىر بولدى» دېگەنىدى.

سىيرىزانىڭ باياناتىدىمۇ، كېلىشىمنىڭ گىرېتسىيەنى قارا دېڭىزدىكى خەتەرلىك جىددىي ۋەزىيەتنىڭ ئاكتىيورىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر