پاكىستان ھىندىستاننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا تاقابىل تۇردى

پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پاكىستاننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىشكە ئۇرۇنغان ھىندىستاننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا تاقابىل تۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1721868
پاكىستان ھىندىستاننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا تاقابىل تۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ دېڭىز چېگراسىنى قوغداش ئۈچۈن كەڭ دائىرىلىك چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، بۇ دائىرىدە، پاكىستاننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمەكچى بولغان ھىندىستاننىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىغا، 10-ئاينىڭ 16-كۈنى دېڭىز چارلاش ئايروپىلانى تەرىپىدىن تاقابىل تۇرۇلغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ ئوخشاش شەكىلدىكى ئۈچىنچى ۋەقە ئىكەن، ئەمما باياناتتا، ئالدىنقى 2قېتىملىق  ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىگەن.

2019-يىلى مارتتا ۋە 2016-يىلى نويابىردا، ھىندىستانغا ئائىت سۇ ئاستى پاراخوتى پاكىستاننىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرمەكچى بولغاندا توسۇۋېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر