پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرى سۈرىيەدە پۇقرالارنىڭ ئۆي - ماكانلىرىنى تارتىۋالدى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ سۈرىيەنىڭ ئەين ئىسا بازىرىدا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىنى تارتىۋالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈرىيەدىكى ئۆزى ئىشغال قىلىۋالغان رايونلاردا پۇقرالاردىن قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.
تۈركىيە چېگراسىدىن 34 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان ئەين ئىسادا پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى تېررورچىلار پۇقرالارنىڭ ئۆي – ماكانلىرىنى تارتىۋالدى؛ پۇقرالار جانلىق قالقان بولۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇپ قالدى.
32 ئۆينى تارتىۋالغان تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر ئۆيلەرنى ئوق – دورا ۋە ئارقا ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرغانلىقى، بەزىلىرىنى ئاتالمىش قارارگاھ قىلىپ ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
تېررورچىلار يەنە، 11 مىڭ نوپۇسلۇق ئەين ئىسا بازىرىنىڭ ئەتراپىغا خەندەك كولاشنى باشلىدى.
تېررورچىلار پات – پاتلا ئەين ئىسا تاغلىق رايونىدىن پايدىلىنىپ تەل ئەبياد يېزىلىرىغا ۋە تۈركىيە ئارمىيەسى بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلىشنى ۋە رايونغا سوقۇنۇپ كىرىش ئۇرۇنۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.