شىمالىي ماكېدونىيە ۋە كوسوۋودىكى سايلام بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ

شىمالىي ماكېدونىيە ۋە كوسوۋودىكى سايلىغۇچىلار يېڭى شەھەر باشلىقى ۋە كېڭەش ئەزالىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن شۇ يەرنىڭ ۋاقتى (2021-يىلى 17-ئۆكتەبىر) ئەتىگەن 07:00 دە بېلەت تاشلايدۇ.

1720867
شىمالىي ماكېدونىيە ۋە كوسوۋودىكى سايلام بۈگۈن ئاخىرلىشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ماكېدونىيەدە تىزىملاتقان 1 مىليون 824 مىڭ 864 سايلىغۇچى شۇ يەر ۋاقتى 19.00 گىچە 3480 ساندۇققا بېلەت تاشلىيالايدۇ. سايلامدا يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئۈچۈن 299 شەھەر باشلىقى نامزاتىنى قوشقاندا تەخمىنەن 10 مىڭ 800 نامزات رىقابەتلىشىدۇ.
شىمالىي ماكېدونىيەدىكى ئىككىنچى نۆۋەتلىك يەرلىك سايلام 31-ئۆكتەبىر (2021) ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئەگەر بىرىنچى باسقۇچتا %50 تىن ئارتۇق بېلەتكە ئېرىشەلمىسە، ئەڭ كۆپ بېلەتكە ئېرىشكەن ئىككى كاندىدات ئىككىنچى باسقۇچتا رىقابەتلىشىدۇ.
شىمالىي ماكېدونىيەدە ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، سايلىغۇچىلار 81 شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەجلىسىنىڭ ئەزالىرىنى بېكىتىدۇ.
يەنە بىر تەرەپتىن، كوسوۋودىمۇ كىشىلەر شەھەر باشلىقى ۋە كېڭەش ئەزالىرىنى بېكىتىش ئۈچۈن سايلامغا قاتناشماقتا.
بېلەت تاشلاش شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 07:00 دە باشلاندى. تىزىمغا ئېلىنغان 1 مىليون 885 مىڭ 448 سايلىغۇچى شۇ يەر ۋاقتى 19.00 گىچە 2477 ساندۇققا بېلەت تاشلىيالايدۇ.
سايلامدا 23 مۇستەقىل كاندىداتتىن باشقا يەنە، 32 سىياسىي پارتىيە، 1 بىرلەشمە ۋە 33 ئاممىۋى تەشەببۇسچىلاردىن تەركىپ تاپقان تەخمىنەن 5500 كىشى رىقابەتلىشىدۇ.
كوسوۋودا ھەر 4 يىلدا بىر يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، سايلىغۇچىلار 38 شەھەر باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭىشى ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر