پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

پاكىستاننىڭ بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا بىر ساقچى قازا قىلدى.

1721350
پاكىستاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمى ساقچىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلۇجىستان ئۆلكىسىنىڭ كېتتا شەھىرىدىكى بېلۇجىستان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرۋازىسى ئالدىدىكى ساقچى ئاپتوموبىل، موتوسىكلىتقا قاچىلانغان بومبا ئارقىلىق پارتلىتىلغان، پارتلاشتا دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا بىر ساقچى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 17 كىشى يارىلانغان.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىم ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر