خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى دىپلوماتىيەسىدە ھەر دائىم سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1721263
خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستان بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فارھان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ۋاڭ يى-فايسال بىن فارھان كۆرۈشۈشى توغرىسىدىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋاڭ يى خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، ئىشەنچلىك ۋە مۇقىم دوستى ھەمدە شېرىكى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بېيجىڭنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكۈزۈشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ: «خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاننى مىللىي ئىگىلىك ھوقۇقىنى، بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا قوللايدۇ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بېيجىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى دىپلوماتىيەسىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ھەر دائىم ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدۇ» دېگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فايسال بىن فارھان دۆلىتىنىڭمۇ خىتايغا ئىشەنچلىك شېرىك سۈپىتىدە قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاينىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىدىكى تەڭداشسىز رولىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 16-ئۆكتەبىر (2021) تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، يادرو كېلىشىمى مەسىلىلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ۋاڭ يى بارلىق تەرەپلەرنىڭ يادرو كېلىشىمىگە قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا باشلانغان كۆرۈشۈشلەرنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى ۋە مەسىلىنى يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر