باڭلادىشتا ھىندى ئىبادەتخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە

باڭلادىشتا يۈزلەرچە كىشى ھىندى ئىبادەتخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى سەۋەب كۆرسىتىلىپ تۇتۇلدى.

1721098
باڭلادىشتا ھىندى ئىبادەتخانىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندى-مۇسۇلمان جىددىيچىلىكىگە ئەگىشىپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان باڭلادىشتا، 300 كىشى ھىندى ئىبادەتخانىلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمغا چېتىلىپ تۇتۇلدى.

مەسئۇل دائىرىلەر كۆپىنچىسى كومىللا ۋە چاتوگرامغا جايلاشقان 35 ئىبادەتخانىغا ھۇجۇم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك 10 مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىندى. 300 دىن ئارتۇق كىشى تۇتۇلدى.

داككانىڭ شەرقىي جۇنۇبىغا جايلاشقان كومىللا رايونىدىكى ھىندى ئىبادەتخانىسىدا قۇرئان كەرىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن، 2021-يىلى 13-ئۆكتەبىر چاندپۇرغا قاراشلىق ھاجىگەنج رايونىدا ۋەقەلەر يۈز بەرگەن ئىدى.

كومىللا، چاتوگرام، كۇرىگرام ۋە مولۋىبازار رايونلىرىدا چىققان ۋەقەلەردە نۇرغۇن كىشى يارىلانغان ۋە بۇ رايونلارغا نۇرغۇن خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئەۋەتىلگەن ئىدى.

مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس مەنىۋىيەتلىرىگە ھاقارەت قىلىنغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر باشلانغان ئىدى.

ۋەقەلەر باڭلادىشتىكى ھىندىلار دۇرگا پۇجا فېستىۋالىنى تەبرىكلەۋاتقان ۋاقىتتا چىققان ئىدى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر